تور قوشىقى

2015-12-18 05:57:50 -0500
ئېقىم بارلار غەمسىز ياشايدۇ،
تورى يوقلار ئەنسىز ياشايدۇ.
ئېقىمىنى بالدۇر خوراتقان،
تورى يوقنى بىچارە دەڭلار.
قوشنىلىرى سۇنسىمۇ نان-چاي،
كۆڭۈل تارتماس بولمىسا ۋايفاي،
ئۆتەر كۈنلەر مەنىسىز ھاي-ھاي،
تورى يوقنى بىچارە دەڭلار.
چەمبىرەكتە دوستلار تىزىلىپ،
خەت يازمىسا ئىنكاس يېزىلىپ،
گاھ قايتۇرسا يۈرەك ئېزىلىپ،
تورى يوقنى بىچارە دەڭلار.
بارچە شاتلىق تورغا ئايلاندى،
تورغا چىقماس كورغا ئايلاندى،
بىلىم ئېلىش ھورغا ئايلاندى،
تورى يوقنى بىچارە دەڭلار.[憨笑][憨笑][憨笑][憨笑][憨笑][憨笑][憨笑][憨笑][憨笑][憨笑]
«Newer      Older»
Comment:
Name:

Back to home

Subscribe | Register | Login | N