توشقانچاق

2015-12-18 05:51:55 -0500
بىر كۈنى بىر توشقان كېتىۋاتسا، يولدا بىر بوتۇلكا تۇرغۇدەك. بۇ نېمىدۇ، دەپ قىزىقىپ قارىسا ھاراق! بىر ئىچىپ باقاي دەپ ئازراق ئىچىپلا جايىدىلا يېتىپ ئۇخلاپ قاپتۇ.
بىر چاغدا بىر شىر كېلىپ قارىسا، بىر توشقان تۇرغۇدەك،خۇدانىڭ بەرگىنى شۇ، دەپ ئەمدى يەي دەپ تۇرسا يەردە بىر بوتۇلكا تۇرغان، بۇ نېمىدۇ، دەپ شىرمۇ ئىچىپ مەست بولۇپ يېتىپ قاپتۇ.
بىر چاغدا بىر يولۋاس بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ قارىسا، شىر بىلەن توشقان بىرسى-بىرسىگە قارىشىپ ياتقان.
يولۋاس: «پاھ! بۇلارنىڭ دوستلىقىدىن ئۆرگىلەي...» دەپ ئەمدى ماڭاي دەپ تۇرسا، يەردە ھېلىقى بوتۇلكا . تېتىپ باقاي دەپ ئىچىپ ئۇمۇ يېتىپ قاپتۇ.
توشقاننىڭ مەستلىكى بالدۇر يېشىلىپتۇ. قارىسا بىر تەرىپىدە يولۋاس، بىر تەرىپىدە شىر ياتقان. توشقان دېگۈدەك:
- پاھ، پاھ! ئاخشام كەيىپچىلىكتە ماۋۇ ئىككى لاۋزىنى ئۇرۇپ قويۇپتىمەن-دە.[呲牙][呲牙][呲牙][呲牙][呲牙]
«Newer      Older»
Comment:
Name:

Back to home

Subscribe | Register | Login | N