نەسىھەت

2015-12-18 05:25:25 -0500
نەسىھەت

كۈلەلمىسەڭ يىغلىما،
ئېشنى ئاسان چاغلىما.
ياشلىقىڭنى داغلىما،
بىلىپ قويغىن نەسىھەت.



ئىشنى باشلا ئەقىلدىن،
پايدىلان بۇ نەقىلدىن.
جۈرەت ئەلا جىنىڭدىن،
ئىشلە دوستۇم نەسىھەت.


ھورۇن كىشى خار بولۇر،
ئەمگەك قىلغان باي بولۇر.
بايتال ئالساڭ تاي بولۇر،
پەھىمە قىلغىن نىسىھەت.


نىمە كىرەك ئادەمگە،
كەلسە مۇشۇ ئالەمگە.
كىرسەڭ ئەۋۋەل مەكتەپكە،
ئاڭلايسەن كۆپ نەسھەت.



مەنمۇ ئوقۇپ مەكتەپتە،
ئەلا ئوقۇپ دەرىستە.
ئەقلىم بولدى خەرىستە،
تە پەككۇر بۇ نەسىھەت.


بىلەي دىگەن ئوقۇيدۇ،
كىيەي دىگەن توقىدۇ.
يەيمەن دىگەن ئىشلەيدۇ،
بىلىڭ نىدا نەسىھەت.



مەن كوردۇم بىر ناداننى،
ئىشلەپ يىمەپتۇ ناننى.
تىلەپ قىيناپتۇ جاننى،
ئىبرەت ئالغىن نەسىھەت.


ئىشلىگەن ئەر خار بولماس،
تىرىشمىساڭ بار بولماس.
ئەخمەق كىشى يار بولماس،
ئىشلە دوستۇم نەسىھەت.



بەخىت نەدە، بىلەكتە،
سويما قوغۇن پىلەكتە.
چىراغ ياندۇر يۈرەكتە،
بىل گىپىمنى نەسىھەت.



كەمتەر بولۇڭ ھەر ئىشتا،
قىينالمايسىز تۇرمۇشتا.
بىكار يۈرمەڭ دوقمۇشتا،
يا بىلسەڭچۇ بۇ نەسىھەت.
«Newer      Older»

----Comments(2)----
千百度 (@20088) | @ at 2015-12-18 05:50:
你是哪国人
千百度 (@20088) | @ at 2015-12-18 05:49:
日文
Comment:
Name:

Back to home

Subscribe | Register | Login | N