ئادەمنى ئويغا سالىدىغان ھىكايە

2015-12-18 05:08:45 -0500
:ئادەمنى ئويغا سالدىغان ھېكايە ‏بىر كۈنى قوي ئۆزى يالغۇز تاغ باغرىدا ئويناۋاتقان ئىكەن.ئۇشتۇمتۇت ئورمانلىق ئارسىدىن بىربۆرە ئېتىلىپ چىقىپ قوينى يىمەكچى بوپتۇ، قوي بىر تەرەپتىن سەكرەپ بار كۈچىنى ئىشلىتىپ مۈڭگۈزى بىلەن قارشى تۇرسا، يەنە بىرتەرەپتىن ۋارقىراپ دوسلىرىنى ياردەمگە چاقىرىپتۇ. ‏كالا ئورمانلىق ئارسىدىن ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراپتۇ،بىراق بۆرىنى كۆرۈپلا قورققىنىدىن كىتىپ قاپتۇ. ‏ئاتمۇ شۇنداق بىر قارىۋىتىپ بۆرىنى كۆرۈپلا بەدەر تىكىۋىتىپتۇ. ‏ئىشەك قەدەملىرىنى توختۇتۇپ بۇياققا نەزەر تاشلاپتۇ،بىراق بۆرىنى كۆرۈپلا چاندۇرماي تىكىۋىتىپتۇ. ‏چوشقا دەل شۇ ۋاقىتتا بۇ جايدىن ئۆتىۋاتقان ئىكەن،ئۇمۇبۆرىنى كۆرگەن ھامان دەرھال تاغ باغرىدىن قېچىپ كىتىپتۇ. ‏توشقانمۇ بۆرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپلا چاقماق تىزلىكىدە ئۆزىنى دالدىغا ئاپتۇ. تاغنىڭ پەس تەرىپىدە يۈرگەن ئىت قوينىڭ ۋارقىرىغىنىنى ئاڭلاپلا تاغ باغرىغا قاراپ يۈگرەپتۇ،شۇنداقلا ئېتىلىپ كىلىپ بۆرىنىڭ بوينىدىن ئاپتۇ،بۆرە ئاغرىققا چىدىماي ئىڭراپ كىتىپتۇ،بىراق ئىتنىڭ دەم ئالغان ۋاختىدىن پايدىلىنىپ يۇلقۇنۇپ چىقىپ قېچىپ كىتىپتۇ. ‏ئۆيگە قايتقاندىن كىيىن قوينىڭ دوسلىرى ئۇنىڭ ئەتراپىغا يىغىلىپتۇ ۋە بەس-بەستە سۆزلەشكە باشلاپتۇ. ‏كالا دەپتۇ: نىمىشقا مىنى چاقىرمىدىڭ ؟مىنىڭ مۈڭگۈزۈم بۆرىنىڭ قورسىقىنى تىشىۋىتەتتى ئەمەسمۇ! ‏ئات دەپتۇ: نىمىشقا مىنى چاقىرمىدىڭ ؟مەن تۇياقلىرىم بىلەن تىپىپ بۆرىنىڭ مىڭىسىنى چۇۋىۋىتەتتىم ! ‏ئىشەك دەپتۇ:نىمىشقا مىنى چاقىرمىدىڭ ؟مەن بار كۈچۈم بىلەن ھاڭراپ بۆرىنى قورقۇتۇپ يۈرىكىنى ئالاتتىم ! ‏چوشقا دەپتۇ:نىمىشقا مىنى چاقىرمىدىڭ ؟مەن تۇمشۇقۇم بىلەن بىرنى ئۈسسۈپ بۆرىنى تاغدىن دومىلىتىۋىتەتتم ! ‏توشقان دەپتۇ:مىنى چاقىرغان بولساڭ ،مەن تىز سۈرئەتتە باشقىلاغا خەۋەر بىرىپ ياردەمگە چاقىراتتىم ئەمەسمۇ! ‏بۇ تالاش-تارتىشلاردا پەقەت ئىتلا زۇۋان سۈرمەپتۇ. ‏ ‏ھەقىقىي دوست شىرىن شىكەر سۆزلەر بىلەن كۆڭلۈڭنى ياسىغان ئادەم بولماستىن ،ھالقىلىق پەيىتتە ساڭا ياردەم قولىنى سۇنالىغان ئادەمدۇر. ‏كۈن بويى ئەتراپىڭدا يۈرۈپ سىنى ئازتولا خوش قىلغان ئادەم سىنىڭ ھەقىقىي دوستۇڭ بولماستىن بەلكى قارىماققا يىراقتەك كۆرۈنگەن بىلەن ئەمىليەتتە ھەر ۋاقىت ساڭا دىققەت قىپ تۇردىغان،سەن خۇشال ۋاقىتتا ساڭا خۇشامەت قىلماستىن بەلكى سەن ياردەمگە موھتاج بولغىنىڭدا ئۈن-تۈنسىز سەن ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدىغان،ساڭا كۆڭۈل بۆلىدىغان، سىنى يامان يولدىن توسۇپ ياخشى يولغا باشلىيالايدىغان، سەن قايغۇرغاندا تەڭ قايغۇردىغان، سىنىڭ بەخىتلىك بولىشىڭنى ئۈمۈد قىلىدىغان ئادەم سىنىڭ ھەقىقىي دوستۇڭدۇر...
«Newer      Older»
Comment:
Name:

Back to home

Subscribe | Register | Login | N